باش بەت > خەۋەرلەر > قىزىق نۇقتا >
جاھاندا يەنىلا ئائىلە ئەڭ بىخەتەر
ۋاقىت:2012-01-21 15:17 مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گې يوللىغۇچى:admin ئاۋاتلىقى:

  

 

  سىنگاپوردىكى << بىرلەشمە سەھەر گېزىتى >> يېقىندا مۇنداق خەۋەر بەردى : بۇلتۇر مارتتا قاتتىق يەر تەۋرىگەن ئار قىدىن دېڭىز تاشقىنى كۆتۈرۈلۈپ ، يادرو ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن ، بىللە تۇرۇش ۋە نىكاھدىن ئاجرىشىش خېلىلا يۇقۇرى ياپونىيەدە كىشىلە نىكاھنى << نورماللاشتۇرۇشقا  >> تىرىشىدىغان بولۇپ كەتتى بىللە تۇرىۋاتقان نۇرغۇن ئەر ۋە  ئايال ھاياتقا ساپ نىكاھ بىلەن يۈلىنىشنى قارار قىلىپلا قالماستىن ، نىكاھدىن سىرىت مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغان كېشىلەرمۇ ئويغىنىپ ئائىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ بىخەتەر پاناھگاھ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .

  ۋەقەدىن كىيىن ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلدى : نىكاھدىن سىرت مۇھەببەت لىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەندە ئەۋەتكەن تۇنجى يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ياكى بەرگەن تېلىفۇنى زادى كىمگە بەرگەنلىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولدىكى ، كىشىلەر يەنىلا ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ياكى تەككەن ھەمراھىنى 1 - ئورۇنغا قويىدىكەن . تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ قىتىمقى ئاپەتنىڭ << يەر ئاستى خوتۇن >> لارنىمۇ ئويغاتقانلىقىنى دەلىللىدى چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاران 7% ى بالا قازا يىقىنلاشقاندا << سۆيگىنى >> نىڭ ئۆزىنى يادىغا ئالغانلىقىنى ئىيىتتى .

  باشقىلارغا << يەر ئاستى خوتۇن >> بولغان 33 ياشلىق بىر ئايال مۇنداق دىدى : << بۇلتۇر 29 - مارت سائەت 2:46 دە مەن خىزمەت قىلىۋاتقان بىنا قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى ، 5 مىنۇتتىن كىيىن ماڭا كەلگەن ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى < سويگۈنۈم > دىن ئەمەس ، بەلكى ئىرىمدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئۆيگە قايتىش ئىستىكىم لاۋۇلدىدى . ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرغۇم بار ئىدى ، بىراق تىلفۇن زادىلا ئۇلانمىدى . 5 سائەت پىيادە يول يۈرۈپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم ، ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلدى .... بۇ قىتىمقى يەر تەۋرەش مىنى ئويغاتتى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئاخىرى چىقمايدىغان يۇشۇرۇن مۇھەببەت ھەقىقەتەن بىخەتەر ئەمەس ئىكەن ، يەنىلا ئائىلە ئەڭ بىخەتەر پاناھگاھ بولالايدىكەن >> .

  ئاشنا ئويناشقا خۇشتار 40 ياشلىق بىر ئەر ئاپاتتىن كىيىن بۇ خىل بىمەنە تۇرمۇشقا خاتىمە بىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن مۇنداق دىدى : << ناۋادا يەر تەۋرىگەن ئاشۇ چاغدا ئاشنام بىلەن بىللە ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ، ئۇنداقتا خوتۇنۇم قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمىگەن بولار ئىدى ... شۇنداق ، مەنمۇ مەڭگۈلۈك گۇناھكارغا ئايلانغان بولاتتىم >> .

  << مۇھەببەت ۋە ئەر خوتۇن مەسىلىسى >> مۇتەخەسىسى چىن يۈمېي مۇنداق دىدى : << ھەممە سېپىرلىشىشقا يۈزلەنگەن بۇ دەۋېردە يانفۇن قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ يات جىنىسلار بىلەن تونۇشۇش كىشىلەرنى ئاسانلا ناتوغرا ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت قاينىمىغا غەرق قىلىۋاتىدۇ ، بۇلتۇر 11 - مارت يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتنى ياپۇنىيىلىكلەرگە ئۆينىڭ موھىملىقىنى قايتا بىلدۈرگەن پۇرسەت دىيىشكە بولىدۇ .چۈنكى ئەر - خوتۇنلار قىيىنچىلىق ئىچىدە ھەقىقى مۇھەببەتنى كۆرەلىدى ، تېخىمۇ ئىنىق ئائىلە قارشىغا ئىگە بولدى ، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .... >> .

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ


ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن ياكى باشقا ماتىرياللاردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !

tel: 13379759690(warislar) QQ:508930285(ئۇيغۇر ۋارىس)
   备案号码:   新ICP备11002189号