
دورا ۋاكالەتچىسى دوختۇرنىڭ ئايلىق تاپان ھەققى 30 - 40 مىڭ يۈەن
دورا ۋاكالەتچىسى دورا باھاسىدا زەنجىرسىمان پايدىغا ئىرىشىدىغان بولۇپ شۇ ۋاكالەتچى دوختۇرنىڭ ھەر ئايلىق تاپان ھەققى 30 - 40 مىڭ يۈەن بولىدىكەن .ھازىرغا قەدەر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى ئىشلەتكەن دورا مۇۋاپىق بولۇپ ئاساسەن دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئالغا سىلجىتقان ، ھەم يېزا - بازار دوختۇرخانىسىدىكى كۆپ مىقداردىكى بىمارلارنىڭ دورىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان .جىڭجۇ شەھرى جىنشۈي رايۇنلۇق مىياۋلېي شىپاخانا رېنچى چوڭ زالىدا دورىغا باھا قويۇپ ئەرزان دورا ئالغان .
دورا باھاسى نىمە ئۈچۈن يۇقۇرلاپ كەتكەن ؟
بىر دورا ۋاكالەتچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە : ساپ پايدىنى تەڭ بۆلۈش ئۈچۈن دورا باھاسىنى قاتلاممۇ - قاتلام ئۆستۈرۈپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش ئىكەن . يەنە بىر دورا ۋاكالەتچىسىنىڭ قارىشىچە : دورا باھاسىنى ئۆستۈرگەن شۇ دوختۇر دورىدىن چىققان ساپ پايدىنى ئۆزى ئالغان .
گوۋۇيۈەننىڭ دورىلارنى ئۆزگەرتىپ ياساش ھەسئۇل خادىمى ئاساسلىق دورىلارنى مىسال كەلتۈرۈپ : 0.3g :2md ئۆلچەملىك كېلىنمىسۇ سۇيۇقلىقىنىڭ زاۋۇت ئەسلى باھاسى 0.6 يۈەن بولۇپ بېيجىڭدىكى باھاسى 11 يۈەن ، خېنەندىكى باھاسى 0.67 يۈەن ، شەندوڭدىكى باھاسى 0.7 يۈەن ، شەنشىدە 0.68 يۈەن . ئوخشاش ئۆلچەمدىكى فۇكاڭ سۈيۈقلىقىنىڭ زاۋۇت باھاسى 1.29 يۈەن ، بېيجىڭدىكى باھاسى 9.55 يۈەن ، شەندوڭدىكى باھا ئۆلچىمى 1.64 يۈەن ، سىچۈەندىكى باھا ئۆلچىمى 2.14 يۈەن ، خۇبېيدا 1.38 يۈەن .
خەۋەر تەرجىمە ھوقوقى ۋارىسلار تورىغا تەۋە ،كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ .
بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ