باش بەت > خەۋەرلەر > خەلىقئارا خەۋەرلەر >
كىم جوڭئېلنى ئىلاھلاشتۇرۇش ھەركىتى تېخى توختىمىدى
ۋاقىت:2012-01-21 16:28 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گې يوللىغۇچى:admin ئاۋاتلىقى:

 

 

چاۋشىيەندىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندا يېڭى رەھبىرى كىم جوڭئىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى بىر تەزكىرە فېلىمى قويدى ، فېلىمدە كىم جوڭئىننىڭ 2009 - يىلى قىلغان << ناۋادا دۈشمەن دۆلەت چاۋشىيەننىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى ئېتىپ چۈشۈرسە ئۇنداقتا چاۋشىيەن < ھەقىقى ئۇرۇش > قوزغاپ جاۋاب قايتۇرىدۇ >> دېگەن سۆزى تەكىتلەندى ئەمىليەتتە بۇ كىم جوڭئىننىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن تۇنجى قىتىم قىلغان ھەربى ئىشلارغا ئائىت سۆز ئىدى .

مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دىيىشتى : << چاۋشىيەن دائېرلىرىنىڭ بۇ تەزكىرە فېلىمنى كورسىتىشتىكى مۇددىئاسى كىم جوڭئىننىڭ 1 مىليۇن 200 مىڭ كىشىلىك چاۋشىيەن ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىش تەجرىبىسى بارلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىم جوڭ ئىننىڭ كىم جوڭئېل ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇنلا قوراللىق قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىدە شەك يوق . بۇ فېلىمدىن ئايانكى كىم جوڭئېل كىم جوڭ ئېننى 2009 - يىلىلا ئىزباسارى سۈپىتىدە تەربىلەشكە باشلىغان >> .

ئۇنىڭدىن باشقا چاۋشىيەن ئاخبارات ۋاستىلىرى كىم جوڭئېلنى ئىلاھلاشتۇرۇش ھەركىتىنى تىخى توختاتمىدى دەسلەپتە چاۋشىيەنلىكلەر ئاللىقاچان ئۆچەككە كىرگەن ئېيىقنىڭ كىم جوڭئېل ۋاپات بولغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئويغىنىپ ئاسمانغا قاراپ ھوۋلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن ھەيران قالغان ئىدى ، كىيىن نەچچە يۈز سېغىزخاننىڭ كىم جوڭئېلنىڭ ئاتىسى كىم ئېرسىننىڭ ھەيكىلىنى ئوراپ ئۇچۇپ << جۇمھۇرىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىسى >> كىم ئېرسىنگە ئوغلى - << ئۇلۇغ رەھبەر >> كىم جوڭئېلنىڭ ۋاپاتىدىن ئۇچۇر بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردى .

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ


ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن ياكى باشقا ماتىرياللاردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !

tel: 13379759690(warislar) QQ:508930285(ئۇيغۇر ۋارىس)
   备案号码:   新ICP备11002189号