كۈلكە دۇنياسى
ئاچقۇچ قايتۇرۇش
ساقچى: سەن نېمىشقا ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ قۇلۇپىغا ئاچقۇچ سېلىپ يۈرۈيسەن ؟
ئوغرى : مەن بىر ئاچقۇچ تېپىۋالغانىدىم، لېكىن بۇ ئاچقۇچ زادى قايسى ئۆينىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. شۇڭا مەن ئاچقۇچنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۆينىڭ قۇلۇپىغا بىر-بىرلەپ سېلىپ بېقىۋاتىمەن.
خەت سېلىش
پوچتا خادىمى: ئەپەندىم، خېتىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپتۇ.
خەت سالغۇچى: نېمىسى ئېشىپ كېتىپتۇ؟
پوچتا خادىمى: خېتىڭىز بەك ئېغىر ئىكەن، ماركىدىن يەنە بىرنى چاپلاڭ .
خەت سالغۇچى:چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز ؟
ئەگەر ماركىدىن يەنە بىرنى چاپلىسام ،ئېغىرلىقى تېخىمۇ ئېشى
پ كەتمەمدۇ ؟
تەلەپ
خىزمەتچى: مەن سىزگە خىزمەت قىلغىلى 15 يىل بولۇپ قالدى. بىراق مەن ھازىرغا قەدەر سىزگە مائاشىمنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق تەلەپ قويۇپ باقمىدىم ، ئەمدى ...
خوجايىن: سىزنىڭ مېنىڭ يېنىمدا 15 يىل خىزمەت قىلالىشىڭىزدىكى بىردىنبىر سەۋەب دەل مانا مۇشۇ .
مۇھەببەت
ماتېماتىكا ئالىمىنىڭ قىز دوستى ئۇنىڭدىن:
-يۈزۈمنىڭ ھەممە يېرىگە مۇشۇنداق سەپكۈن چۈشۈپ كەتتى.
سىز راستنلا كۆڭلىڭىزگە ئالمامسىز؟-دەپ سورىدى.
ماتېماتىكا ئالىمى مۇلايىملىق بىلەن:
-ھەرگىز كۆڭلۈمگە ئالمايمەن،مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق ئۇششاق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم،-دەپ جاۋاب بەردى .
چوڭ بېلىق
ئوغلى:ئاپا، ئاپا، مەن بايا بىر چوڭ بېلىق تۇتۇۋالدىم، چوڭلۇقى ئىككى چى كېلىدۇ .
ئاپىسى: بەك ياخشى بوپتۇ . بېلىقىڭ قېنى ؟
ئوغلى:ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئۆيدىكى قازان ئاران بىر چى كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇنى قويۇۋەتتىم .
چۈشەنمەسلىك
ئىككى ئاغىنە مەيخانىدا ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئارىدىن بىرى دەپتۇ:
-ئايالىم مېنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ، سېنىڭ ئايالىڭچۇ؟
يەنە بىرى جاۋاب بېرىپ دەپتۇ:
-مەن بىلمەيمەن، ئايالىم ئەزەلدىن سېنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان.
ھازىر جاۋاب
ئايالى ئېرىگە نارازى بولغان ھالدا دەپتۇ:
-ۋاي خۇدايىمەي! مەن دەسلەپتە ساڭا تېگىشكە
رازى بولغان ۋاقتىمدا ، مېنىڭ بۇ كاللام نەگىمۇ كەتكەن بولغىيتتى؟!
- مېنىڭ مۈرەمدە ئىدى ! - ئېرى دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ.
ئەنسىرەش
ئايالى ئېرىگە دەپتۇ:
-سىز ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ كەتكەندە مەن ئىنتايىن ئەنسىرەيمەن .سۆيۈملۈكۈم ئەنسىرىمەڭ،-دەپتۇ
ئېرى تەسەللى بېرىپ،-مەن چوقۇم دەل ۋاقتىدا قايتىپ كېلىمەن.
- مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەل مۇشۇ .
ئامالسىز ياشاش
بىر پىخسىق كىشى دورا دۇكىنىغا بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- كەچۈرۈڭ ، مەن جاھاندىن جاق تويدۇم،ماڭا ئىككى پۇڭلۇق زەھەر بېرىڭ.
دورىگەر مۇنداق دەپتۇ:
-ئىككى پۇڭلۇق زەھەر بەك ئاز، ئۇنى يەپ ئۆلەلمەيسىز، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مولۇق يېيىشىڭىز كېرەك.
پىخسىق :
-ئۇنداقتا ئامال يوق،ياشاۋېرەي.
«ئىككى تال يەڭ»
-يولداش ، مەن ۋىتامىن b2ئالماقچىدىم،سىز ماڭا ۋىتامىن b1بېرىپسىز.
-ۋىتامىنb1 دىن ئىككى تال يېسىڭىز ۋىتامىن b2 بولمامدۇ؟
سېخى دوختۇر
ئاغرىق: دوختۇر ،سىز قايچىنى قورسىقىمدا ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز....
دوختۇر: ھېچىقىسى يوق، مەندە يەنە بىرى بار .
يازدا ئېلان قىلىش
تەھرىر: كىتابخانلار ئەسىرىڭىزگە چوقۇم سوغۇق پوزىتسىيىدە بولۇشى مۇمكىن .
ئاپتۇر: ھېچقىسى يوق، ئۇنداقتا، يازدا ئېلان قىلايلى.
ئاخىرقى ئارزۇ
-سەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىسەن، ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇڭ بولسا ئېيتقىن،-دېدى سوتچى.
جىنايەتچى ئۆتۈندى:
-ماڭا ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيگۈزۈپ قويغان بولساڭلار.
گېزىت
ئايال: ھەر كۈنى قولىڭىزدىن گېزىت چۈشمەيدۇ، ئەگەر مەن گېزىت بولۇپ قالغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟
ئەر: شۇنى دېمەمسەن! ئۇنداق بولغاندا كۈندە بىرنى ئالماشتۇراتتىم ئەمەسمۇ !!!
پەرق
بىر كۈنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن:
توك بىلەن چاقماقنىڭ قانداق پەرقى بار؟- دەپ سوراپتۇ.
-چاقماققا پۇل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچىلار .
سۈرئەت بەك تېز
بىر تاكسى شوپۇرى ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئالدى تەرەپتە بىرىنىڭ موتوسىكلىتىنى بەك تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، كەينىگە مىندۈرىۋالغان بالىسىنىڭ چۈشۈپ قالايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋاپتۇ-دە ، ئۇنىڭغا دەپتۇ:
- بۇرادەر بالاڭ چۈشۈپ قالايلا دېدى.
ئۇ كىشى كەينىگە قاراپ ھەيران قالغان ھالدا بالىسىدىن سوراپتۇ:
- بالام ئاپاڭ قېنى ؟
پەرقلىق مۇئامىلە
بىر داڭلىق يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ:
- كىچىك ۋاقتىمدا يالغان سۆزلىسەم، باشقىلار مېنى ئالدامچى دەيتتى، ھازىر بولسا مېنى يازغۇچى دەپ ئاتايدۇ .
تىل بىلمىسەم
ـــ ھايدى، ئازراقمۇ خىجىل بولمايدىكەنسەن،
ھېلىقى فىرانسىيەلىك دارازا چوڭ زالدىلا سېنى توختىماي سۆيۈپ كەتسە، ئۇنى رەت قىلايمۇ دېمەيسەنغۇ؟!
ـــ سۆيۈملۈكۈم، مېنىڭ فىرانسۇز تىلىدىن قىلچىمۇ
خەۋىرىم بولمىسا، ئۇنى قانداق رەت قىلىمەن؟
مۇۋاپىق جاۋاب
ـــ ئۆزىڭىز شۇنداق كېلىشكەن، ياش يىگىت تۇرۇپ
قانداقسىگە بىر قېرى خوتۇن بىلەن توي قىلىپ قالدىڭىز؟
ـــ سىز پۇل ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، ئۇنىڭ تارقىتىلغان ۋاقتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرامسىز؟
يول قويمايمەن
بىر ئايال بىر ساقچىنىڭ ئېرىگە ھەدەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ
كەپتۇ:
ــــ سەن ئۆزۈڭگە ھېزى بول جۇمۇ! ئۇنىڭغا مېنىڭدىن
باشقا ۋارقىرايدىغان ئادەمنىڭ بولۇشىغا ھەرگىز يول
قويــــمـــايـــمەن .
بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ