بالىسى دادىسىغا؛
-مەكتەپتە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلىدىكەن،مېنىڭ قاتناشقۇم بار.ئەمما چالغۇ ئەسۋاپنى ئۆزىمىز ئالىدىكەنمىز،قانداق قىلاي؟ دادىسى چوكىدىن بىرنى بېرىپ؛
-ئالە مانى،سەن بېرىپ دېرىجور بولغىن.
بىر ئاقكۆڭۈل ئادەم پەقەت يالغان ئېيتىشنى ئۇقمايدىكەن.شۇڭا ئۇ يالغان ئېيتىشقا شۇنداق ئۇستا بىر ئادەمدىن ئۆزىگە ئۆگۈتۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ.ئۇ ئادەم بار ھۈنەرلېرىنى ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆگۈتۈپتۇ.سۆزلەپ بولۇپ ھېلىقى ئاقكۆڭۈل ئادەمنى بىرەر جۈملە يالغان ئېيتىپ بېقىڭ دەپتىكەن ،ھېلىقى ئادەم يېرىم كۈن ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ؛ -ھې،ھې،مەن سىزگە بىر گەپ قىلاي.مەن دىگەن بىر گاچا...
پىنگىۋىن Aبىلەن پىنگىۋىن Bنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلېرى ئىكەن.بىر كۈنى ئىككىسى كۆرۈشمەكچى بولۇپتۇ.پىنگىۋىنAبالدۇركېلىپ باغچىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ.يولدىن ئۆتكەن كەچكەن ساھىبجامال پىنگىۋىنلار كۆپ بولغاچقا،پىنگىۋىنAكۆزىنى ئۈزمەي بىردە ئوڭغا،بىردە سولغا بىشىنى چايقاپ قاراۋېرىپتۇ. پىنگىۋىن Bيىتىپ كېلىپ پىنگىۋىن Aنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ئاچچىقى كېلىپ،بىر تەستەك سېلىپ؛
-سەن ئۆزەڭنى QQغا چىقىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟؟؟؟؟؟؟
مەنبەسى : سەمىمى تورى
بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ