-ئايالىم ئەمدى ھايۋانات باغچىسىغا بارمايدىغان بولدى !
-نېمىشقا ؟
-تۈنۈگۈن بارغان ئىدۇق، مايمۇنلار ئۇنىڭغا شىمىشكا ۋە ئۇششاق چۈششەك يىمىشلەرنى تاشلىدى ...
ئېنىشتىيىدىن سوراپتۇ :
-ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمە قورال ئىشلىتىدۇ ؟
-ئۈچىنچىسىنى بىلمەيمەن، ئەمما تۆتىنچىسىدە چوقۇم تاش قورال ...
ئايالى تۇخۇم قورىۋېتىپتىكەن ئېرى كىرگەن پېتى :
-ۋاي تۈزۈك قىلمامسەن ؟ تۇز سال ، چاققان ئۆرى !!! ۋاي بولمامسەن .....
-ۋاي سىزگە نىمە بولدى؟ مەن تۇخۇم قورۇشنىمۇ بىلمەمدىم ئەمدى ؟
-مەن سېنى شۇ مېنىڭ ماشىنا ھەيدەۋاتقاندىكى ھالىتىمنى ھېس قىلىپ باقسۇن دېدىم ...
ئىككى تورداش كۆرۈشمەكچى بولۇپتۇ.
-ئۇنداقتا دۈشەنبە كۈنى سائەت مۇنچىدە دوڭ كوۋرۈكتە كۆرۈشەيلى ؟
-بولىدۇ...
-قانداقق كىيىم كىيىسىز ؟
-ناچار .
مۇئەللىم سىنىپتا دەپتۇ:
-ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى رەسىمنى ساقلاپ قويۇڭلار، كېيىن ماۋۇ نىجات، باس-باس بېكىتىدە ، ماۇ ئالىم قارامايدا دىيىشىپ ئەسلەپ قالىسىلەر ...
ئارقىدىراق تۇرغان بىرى دەپتۇ:
-ماۋۇ رەھمەتلىك مۇئەللىم ...
قاۋاقخانىدا بىرى بىرىگە دەپتۇ:
-كوماندىروپكىدىن يېنىپ ئۆيگە كىرىدىم-دە ، ئىشكاپقا قارىسام ھېچنىمە يوق، كارۋاتنىڭ ئاستىغا قارىساممۇ ھېچنىمە يوق ...
-ئايالىڭ نېمە دىدى ؟
-ئاداش ! مەن بويتاق، ئۆيۈمگە ئوغرى كىرىپتۇ ...
مۇخبىر ئېنىشتىيىننى زىيارەت قىلىپ دەپتۇ:
-سىز شۇنچىلىك ئەقىللىق، نىسبىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، ئۇنى ئىككىنچى بىر كىشى چۈشىنەرمۇ؟
-كەچۈرۈڭ ! كىمكەن ئۇ ؟
سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئائىلىۋىي بايرىمىڭلار قايسى ؟
-قۇربان ھېيت
-روزى ھېيت
-يېڭى يىل
-سۆيۈملىكىم ! بۈگۈن سۇ كەپتۇ !
-دۇكىنىڭىزدىكى ماللار ئاجايىپكىنا؟ سوناي بىلەن تاپانچىلا؟ سودا ياخشىدۇر ؟
-ئالامەت ئوبدان دەڭا !سوناي سېتىلغاننىڭ ئەتىسى تاپانچا چوقۇم سېتىلىدۇ !
قىزى يىغلاپ ئۆيگە كىرىسە ئاپىسى:
-قىزىم نىمە بولدى ؟
-دادام قولىغا بولقىنى بەكلا ئۇرۇۋالدى
-سىز نىمىشقا بۇنداق يىغلاپ كېتىسىز ؟
-مەن كۈلىۋەتكەنتىم ...
دۇكانغا بىرى دوپپا ئالغىلى كىرىپتۇ، دۇكاندار سوراپتۇ:
-ن45مۇ ياكى 55مۇ ؟
-ئېسىمدە يوق جۇما ...
-ئۇنداقتا 45 كەن ...
ئىشىك تۈۋىدە ئىككى مۇئەككىل ئۆلگەنلەرنى جەننەت ۋە دوۋزاققا ئايرىۋېتىپتۇ ...
-نىمە قىلتتىڭ ؟
-تىككۈچى.
-جەننەتكە ...
-سەنچۇ ؟
-ئاشپەز.
-جەننەتكە ...
-ئەمدى سەنچۇ ؟
-«زو تەي» قىلىتىم ...
-سەن دوۋزاققا كىر، ئەمما يىراققا كەتمە-ھە ؟!
زابويلار ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ ، بىرى تۇيۇقسىز:
-ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ تۆت زابوينىڭ بىرى جىگەر راكى بىلەن ئۆلىدىكەن.
-نىمە بوپتۇ ؟ بىز ئۈچ تۇرساق !
ئىزدىيار تورى
|