بىر ھەسسە قوشۇپ بېرىمەن
ئا : ئەگەر سەن ماڭا ۋاكالەتەن بېكەتكە قېينانامنى كۈتۈۋالغىلى بارساڭ ساڭا ئون ئامىرىكا دوللىرى بېرىمەن .
ب : ئەگەر كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟ ئا : ئۇنداقتا ، مەن ساڭا بىر ھەسسە قوشۇپ بېرىمەن . بىخىل بوۋاي
بوۋاي ئوغلىنى ئەمالار يېزىقىنى ئۈگۈنىشكە قىستاپتۇ .
ئوغلى : مەن يا ئەما بولمىسام ، نېمىشقا ئەمالار يېزىقىنى ئۈگۈنىمەن ؟ بوۋاي : ئەمالار يېزىقىنى ئۆگەنسەڭ ، كەچلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە توكنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئەقىللىق بۇلاڭچى
بىر بۇلاڭچى يولۇچىدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، يېقىن ئەتراپتا ساقچىلارنى ئۇچراتتىڭىزمۇ ؟ - ياق . - ئۇنداقتا ياخشى ، دەرھال ھەميىنىڭىز بىلەن سائىتىڭىزنى چىقىرىڭ . چىۋىننىڭ غىزالىنىشى
ئانا چىۋىن بالا چىۋىننى باشلاپ غىزالىنىش ئۈچۈن بىر دۆۋە كالا تېزىكىگە قونۇپتۇ .
بالا چىۋىن نارازى بولغان ھالدا : - ئانا - بىز نېمىشقا ھەمىشە پوق يەيمىز ؟ - دەپتۇ . ئانا چىۋىن بالا چىۋىنغا كايىپ : - ماۋۇ بالىنىڭ دەۋاتقان گېپىنى ، تاماق يىگەندە كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان گەپلەرنى قىلما ، - دەپتۇ . مەنبە : ئەرك ئۇيغۇر
|
مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى:
قېتىم








