بىر دىھقان يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرىۋىلىپ دوختۇرخانىغا باردى . دوختۇر ئۇنىڭدىن پۇتىنى قانداق سۇندۇرىۋالغانلىقىنى سورىدى . - 25 يىل ئىلگىرى ، - دەپ گەپ باشلىدى دىھقان - مەن بىر باينىڭ قولىدا ئىشلەيتىم ، بىر كۈنى كەچتە باينىڭ يالغۇز قىزى يىنىمغا كىرىپ : ‹‹ سىزنىڭ ماڭا مۇھتاج يىرىڭىز بارمۇ ؟ ›› دەپ سورىدى ، مەن ، ‹‹ يوق ؟›› دەپ جاۋاپ بەردىم . ‹‹ ماڭا راستىنلا ھىچقانداق ئىھتىياجىڭىز يوقما ؟ ›› دەپ سورىدى ئۇ يەنە . ‹‹ ھىچقانداق ئىھتىياجىم يوق ›› دەپ قاۋاب بەردىم . شۇنىڭ بىلەن قىز چىقىپ كەتتى . - بۇنىڭ پۇتىڭىزنى سۇندۇرىۋىلىشىڭىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟ - سورىدى دوختۇر . دىھقان جاۋاب بەردى : - تۈنۈگۈن ئۆگزىنى رېمونىت قىلىۋاتقاندا ، باينىڭ قىزىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتتىم .
|
مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى:
قېتىم








