سوكۇلداپ يۈرۈش
موماي A:
_سىڭلىم،سىلەرنىڭ ئادەم چامىمچە 75 تىن ئاشقاندۇ؟ قاچانلا قارىسا سەتەڭ قىزلارنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ يۈرىدىكەن،ئۇنداق كېتىۋەرسە ياخشى بولماسمىكىن.
موماي B:
_راست دەيسىز،80 گە كىرىپ قالدى،كىمنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدىغىسى كەلسە سوكۇلداۋەرمەمدۇ،كوچىدىكى ئاۋۇ ئىتقا قاراڭە، پىكاپنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ كېتىپ بارمامدۇ؟ ئۇ پىكاپقا يېتىشىۋالغان تەقدىردىمۇ پىكاپنى ھەيدەپ ماڭالامتى؟
ئېغىز بالاسى
ئا:جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدا بىر ئوبدان ئىشلەۋاتاتتىڭغۇ،نېمىدەپ چىقىۋالدىڭ؟
ب:مۇشۇ ئاغزىمنىڭ كاساپىتىدىن بولمامدۇ
ئا:نېمە دېگەنتىڭ؟
ب: ئىلگىرى غەربچە رېستۇرانىدا كالا گۆشى قوۋۇرغىسى پىشۇراتتىم،شۇ چاغدا خېرىدارلاردىن تولا سوراپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن،شۇڭا جەسەت كۆيدۈرگۈزگىلى كەلگەن ھازىدارلاردىن :<<ئۆتكۈزۈپرەك پىشۇرۇپ بېرەمدىم ياكى چالىراقمۇ ؟>> دەپ سوراپ ساپتىمەن
مالنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈش
پۇلنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن.بىركۈنى ئۇ يېڭى ئالغان ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ، بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ساقچى يېتىپ كەپتۇ . باي ئىنتايىن قايغۇرغان ھالدا:
-ساقچى ئەپەندى،شۇنداق ئېسىل ماشىنا نېمە بولۇپ قالدى- ھە!!!!!
-سىز پەقەت پۇلنىلا ئويلامسىز؟ ھوي! سول بېلىكىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىپتىغۇ!ئاغرىقنى سەزمىدىڭىزما؟
باي بۇ چاغدا بىر بېلىكىنىڭ يوقلۇقىنى سېزىپتۇ -دە، ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ:
-ۋاييەي!!!!مېنىڭ <شاڭخەي> ماركىلىق سائىتىم يوققۇ
|
مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى:
قېتىم