warislar tori / Sports / world News / it News / china News / Local News Business / Moble / USA /

ئىككى لەتىپە

 

چەكمەننى سايە ئەتتىم


زنىڭ يۇرتىمىزدىن ئىككى كىشى سودىگەرچىلىك قىلماقچى بولۇپ، مۇز داۋان ئارقىلىق ئىلىخوغا كىتىۋېتىپ، كۈنەس تاغلىرىدىن ئۆتكۈچە يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن "ئاتۇشۇڭغا بارغۇچە، چەكمەنىمنى سايە ئەتتىم ...... " دەپ ناخشا توۋلاپ كىتىۋاتسا ، ئالدىغا ئات مىنگەن بىر قازاق چارۋىچى ئۇچراپ قاپتۇ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، سەپەر قاياققا، قەيەردىن كىلىشىڭلار؟ دەپ سوراپتۇ چارۋىچى.
- ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام. دەپ سالامنى ئىلىك ئاپتۇ. يولۇچىلار.- ئانچە – مۇنچە سودا  قىلايلى دەپ ئىلىخوغا ماڭدۇق، ئاتۇشتىن كىلىۋاتىمىز.
- ئاتۇش ؟ . قانداق يەر ئۇ؟ ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.ياندۇرۇپ سوراپتۇ.          چارۋىچى.
- شۇنداق باغۇ –بوستانلىق، باغلىق يەر ئۇ !. دەپ ماختىنىپتۇ، ئىككەيلەن.
- ھەي، تايىنلىقتۇ، باغۇ – بوستانلىق بولسا چەكمىنىڭنى سايە ئىتىشەمتىڭ.!

قوناق بولسىمۇ مەيلى


ئىككى سەپەرچى قازاق چارۋىچىغا يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن مېھمانغا تۇتسىمۇ ئۇنىماي يولىغا راۋان بوپتۇ. ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا كەچ كىرىپ كىتىپتۇ. ئالدىغا مېڭىۋەرسە دالىدا تۈنەپ قالغۇدەك، قارىسا كۆز يىتىم يەردە بىر چېدىر ئۆينى كۆرۈپتۇ –دە ئۇدۇل شۇ ياققا مېڭىپتۇ. قارىسا بۇمۇ بىر قازاق چارۋىچىنىڭ ئۆيىكەن. ئۇلار ئۆي ئالدىغا يېقىن كېلىپلا  ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ-دە:
-  بىز يىراقتىن كەلگەن مۇساپىر ئىدۇق . بۈگۈن ئۆيىڭىزدە بىر قونۇپ قالۈان بولساق  دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.
-  قوندۇرۇپ قالسام بولاتتى. بىراق ئۆيۈمدە بوش ئورۇن يوق . قوناق بار ئىدى. دەپتۇ ئۆي ئىگىسى.(قوناق قازاقچە مېھمان دىگەن گەپكەن)
-  ھوي، قوناق بولسىمۇ مەيلى، يەرگە تەكشى يېيىتىۋېتىپ ئۈستىدە يېتىۋېرىمىز. دەپتۇ يولۇچىلار.

ئىلغار تورى

مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياخشىكەن
(6)
66.7%
ناچاركەن
(3)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋسىيەلەر