پو ئېتىش ھېسامكام ئولتۇرغان بىر سورۇندا ئىككىيلەن پو ئېتىشىپ قاپتۇ.بىرى دەپتۇ: جىنلارمۇ قورقىدۇ چاچلىرىنى پاقپايتىپ ،غەلىتە كىيىنىپ يۈرۈيدىغان ياسانچۇق بىر ئايال،كەچكى يىغىندىن قايتقاندا،ھىسامغا دەپتۇ: _ھىسامكا،ئاپىرىپ قويىڭە يولدا قورقىمەن. _نىمىدىن قورقىسىز؟ _جىندىن. ھىسام جاۋاب بېرىپتۇ: _ھىچ ۋەقەسى يوق،ئۇكام ،كېتېۋېرىڭ،مۇشۇ ئەپتىڭىزدىن جىنلارمۇ قورقۇپ قېچىپ كېتىشىدۇ. گۆش قىسچىلىغىنىڭ سەۋەبى ھىسام مەلۇم بىر ناھىيىگە بارغاندا بىر نەچچە يەردە قوشقار سوقۇشتۇرغاننى كۆرۈپتۇ.بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەندە ،بىر تونۇشى ئۇنىڭغا ھال ئېيتىپتۇ: _بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرى ياخشى ،بىراق ئۇقالمىدۇق،نىمە ئۈچۈندۇر گوش قىس. -شۇنىمۇ ئۇقالمىدىڭىزمۇ؟_دەپتۇ ھىسام ، بۇ يەردە قوينى سويماي سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۆشكىلەرمىكىن دەپتىمەن بىر مەھەل يىگىتلەرنىڭ «ۋەيت» دەپ كۈلىدىغان كۈلكىسى ئەۋج ئاپتۇ.كۆپچىلىك قاتارىدا ھىساممۇ بۇ كۈلكىدىن بىزار بوپتۇ . بىر كۈنى كوچىدا بىر بەچچە يىگىتنىڭ خۇددى شۇنداق كۈلۈشۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن ھېسام ئۇزۇن چىۋىق ئاپتۇ-دە ، يىگىتلەرنىڭ ئارقىسىدىن «چەگ-چەگ» دەپ ھەيدىگىلى تۇرۇپتۇ .يىگىتلەر بۇ ئەھۋالدىن ھەيران بولۇشۇپتۇ. _ھىسامكا نىمە بولدىڭىز ؟_ دەپتۇ ئۇلاردىن بىرى. _ ھە،سىلەرمىدىڭلار!_ دەپتۇ ھىسام خۇددى ئۇلارنى ئەمدىلا كۆرگەندەك،_مەن تېخى مەرەشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئوغلىقىدىن ئايرىلغان ئۆچكىلەرمىكىن دەپتىمەن. سۇ بىلەن كېتەي تونۇشلىرىغا ئارتۇق بومۇر يېزىپ بەرگىنى ئۈچۈن ھىسام دۈينىڭ نومۇر خاتىرلىگۈچىسىنى يىغىندا تەنقىد قىلغانىكەن ،يىغىندىن قايتقاندا سەپرا مىجەز نومۇر خاتىرلۈگىچى ئۇنى ئۆستەڭنىڭ گىرۋىگىدە توسۇۋاپتۇ،ھىسامنىڭ ياخشى گەپلىرىگە قارىماي،ئۇنىڭغا مۇشت تەڭلەپ: _بۈگۈن قولۇمدىن ئامان قۇتۇلۇپ كەتكىنىڭنى كۆرەي،_دەپتۇ. كەينىگە داجىغان ھىسام،بايقىماي ئۆستەڭگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ۋە دەرھال جىدەلنى چاقچاق بىلەن يېپىپتۇ: _ يول بىلەن كەتكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ،مەيلى سۇ بىلەن كېتەي. جەننەت ۋە دوزاق بىر كىشى ھىسامغا چاقچاق قىلىپ سوراپتۇ: _ھىسامىدىن ، سىز ئۆلسىڭىز جەننەتكە كىرەرسىزمۇ ، دوزاققىمۇ؟ ھىسام جاۋاب بېرىپتۇ: _بىز قول ئىلكىمىزدە يوقراق ئادەم بولغاندىن كېيىن،يازدا جەننەتتە تۇرۇپ،قىشنى دوزاقتا ئۆتكۈزىمىزدە!
|
مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى:
قېتىم








