ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان لوزۇنكا
يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-17 00:31 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىز ھاياتنىڭ ئۇزۇنلىقىنى كونتۇرول قىلالمايسىز ،بىراق كەڭلىكىنى ۋە ئىگىزلىكىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھەجمىنى چوڭايتالايسىز (مەلۇم چامادان سومكا شىركىتىنىڭ ئېلانى)
بىز مۇھەببەت ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىمىز ،مۇھەببەت بىز بىلەن كۆكلەيدۇ . (
ئامرىكا ساينت ۋېنسوت تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ تىمىغا يىزىلغان )
بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ ، بىراق ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغاندا ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەدەل تۆلىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ .( ئامرىكا فلورودا شىتاتى مەلۇم ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ زالىغا يىزىلغان )
ياشلارنى سىزنىڭ سۇ قۇيىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان قۇرۇق بوتۇلقا دەپ قالماڭ ، ئەكسىچە ئۇلارنى سىزنىڭ يىقىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان شام دەپ بىلىڭ ) ئامرىكا ئوخىئو شىتاتى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش ئۆيىگە يىزىلغان )
ياشلار خاتا ھالدا تەربىلىنىش تەجرىبىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ ، دەپ قارايدۇ . بىراق چوڭلار خاتا ھالدا تەجرىبە تەربىيىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ دەپ قارايدۇ . ( مەلۇم شىركەتنىڭ لوزۇنكىسىغا يىزىلغان )
تەنقىد خۇددى باھار يا مغۇرىغا ئوخشايدۇ ، ئۇ ھەم يوپۇرماقنى نەملەيدۇ ،ھەم يىلتىزىنى زەخمىلەندۈرىدۇ .( ئامرىكا ئېنگدۇ باغۋەنچىلىك – قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ تەشۋىقاتى )
تەبېئىي تاللانغان نەتىجە :ھايۋانلار قۇلىقىنى ئىتىۋالالمايدۇ ، بىراق ئاغزىنى يۇمالايدۇ . بۇقائىدىگە بوي سۇنمىغان ھايۋانلار چوقۇم شاللىۋىتىلىدۇ . ( ئەنگليە مارلان شەھرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىغا يىزىلغان )
بەخىتلىك ئادەملەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن نەرسىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە ماھىر ، بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نەرسىسىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ . ( كانادادىكى مەلۇم پاراۋانلىق ئورگىنىنىڭ ئېئانە يىغىش تەشۋىقاتى )
ساغلاملىقنىڭ سىرى : ئەتىگەنلىك تاماقنى پادىشاھدەك يىيىش ؛ چۈشلۈك تاماقنى مەلىكىدەك يىيىش ؛ كەچلىك تاماقنى نامراتلاردەك يىيىش . ( ئامرىكا كالفورنىيە شىتاتى مەلۇم دوختۇرخانىسىغا يىزىلغان )
ئەگەر ئۆز خىزمىتىڭنى سۆيسەڭ ، ئۇ ھالدا سەن ئۆز خىزمىتىڭنىڭ خوجايىنى ؛ ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولساڭ ، ئۇ سىنىڭ خوجايىنىڭغا ئايلىنىدۇ . ( ئامرىكا كولورادو شىتاتى مەلۇم زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسىغا يىزىلغان ) تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------