باش بەت > ئەدەبىي ئەسەر > نەزمىي ئەسەرلەر >
بەخىتنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇش
ۋاقىت:2010-05-18 01:28 مەنبە:未知 يوللىغۇچى:admin ئاۋاتلىقى:

 
  

ئازاب-ئوقۇبەتنى دەرىجىگە ئايرىغىلى بولىدۇ . كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇغۇت ئازابىنى بىرنچى ئورۇنغا قويىدۇ ، ئەمىليەتتە تۇغۇت ئازابى يۆرەك سانجىقى ۋە كۆيۈك ئازابىدىن كىيىن تۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن سۆيگىنىدىن ئايرىلىش خۇددى يۈرىكىنى پىچاقتا تىلغاندەك ئازابلىق بىلىنسىمۇ،ئەمما بۇ خىل ئايرىلىش ئازابىنى دەرىجىگە تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ .

ئەگەر بەختنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇۇشقا توغرا كەلسە سىز قايسى خىلدىكى بەخىتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىسىز؟ بۇ دۇنيادا بەختنى شەخس، كەسپ، نىكاھتىن ئايرىقىلى بولمايدۇ . بۇ خۇددى بىزنىڭ پال ئاچقۇزغىنىمىزغا ئوخشاش بىر ئىش .

بەزىلەر << خىزمەت قىلمايمۇ كىرىم كىرىشنىڭ ئۆزى بەخت >> دەپ قارايدۇ، ئەمما خىزمىتى يوق كىرىمى بار ئاياللار ئۇنچىۋىلا بەختلىك ئەمەس . بەزىلەر << تەن ساقلىق زور بەخت >> دىيىشىدۇ .ۋەھالەنكى بەخىتنى تاپالماي يۈرگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ساغلام، بەستلىك كىلىدۇ.

ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ياش تۆكۈشمۇ بىرخىل بەخت ، چۈنكى بەزىلەر ھەقىقەتەنمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.

زەربىگە ئۇچراش ، باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغاشمۇ بىر خىل بەخت. چۈنكى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغىغۇدەك زەربە بىرىشكە ئەرزىگۈدەك تەرەپلىرىڭىز بار.

ساتقىنلىق قىلىنىشمۇ بىر خىل بەخت، ئۇ سىزگە دوسلىرىڭىزنى ئىنىق كۆرسىتىپ قويىدۇ .

ئۈمىدسىزلىنىشمۇ بىر خىل بەخت ، چۈنكى ئىنتىلىش بولغاندىلا ئۈمىدسىزلىنىش كىلىپ چىقىدۇ .

بىز ئۆزىمىزنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىپ كىتەلمەيمىز، چۈنكى بىز بەزى ئازاب-ئوقىبەت، ئۈمىدسىزلىك، قايغۇ ۋە خوشاللىق ، ئايرىلىش ۋە قوشۇلۇشنىڭمۇ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز .

كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ .

 

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ


ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن ياكى باشقا ماتىرياللاردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !

tel: 13379759690(warislar) QQ:508930285(ئۇيغۇر ۋارىس)
   备案号码:   新ICP备11002189号