باش بەت > ئەدەبىي ئەسەر > قىرتاق پاراڭلار >
جۇڭگۇلۇقلار بىلەن غەربلىكلەردىكى بەزى پەرقلەر
ۋاقىت:2011-08-12 10:40 مەنبە:未知 يوللىغۇچى:admin ئاۋاتلىقى:

 مېڭ جيې

غەربلىكلەر بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا ئاۋال قانۇننى ئىزدەپ ، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ . جۇڭگۇلۇقلار بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئاۋال تونۇش ئىزدەپ ئادەمگەرچىلىككە تايىنىپ ئىش بېجىرىدۇ .

غەربتە بەزى كارخانىلار لەۋزىدە تۇرماسلىق تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ ، جۇڭگۇدا بەزى كارخانىلار لەۋزىدە تۇرماسلىق تۈپەيلىدىن بېيىپ   كېتىدۇ .

غەربتە كارخانىلار ۋەيران بولسا ، بەزى خوجايىنلىرى بىنادىن سەكرەپ ئۆلۋالىدۇ ، جۇڭگۇدا كارخانىلار ۋەيران بولسا ، بەزى دېرىكتورلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆسىدۇ .

غەربلىكلەر جۇڭگۇدىن قەدىمى ئاسارەئەتىقىلەرنى ئوغۇرلاپ ئاپىرىپ پۇل تاپىدۇ . جۇڭگۇلۇقلار غەربتىن ئەخلەت ئوغۇرلاپ كېلىپ بېيىيدۇ .

غەربلىكلەر ئاۋال توختامنى تۈزۈپ بولۇپ ، ئاندىن قەدەھ كۆتۈرۈپ تەبرىكلىشىدۇ ، جۇڭگۇلۇقلار ئاۋال يەپ - ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىپ بولغاندىن كىيىن ، ئاندىن توختام ئىمزالايدۇ .

غەربلىكلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - بۇرادەرلەر يىغىلىپ قالغاندا ، ئارام ئالغۇسى كەلگەندە غەرەزسىز ھالدا بىللە تاماق يەيدۇ ، ھاراق ئىچىدۇ ، جۇڭگۇلۇقلار كۆپىنچە ھاللاردا بىرەر ئىش سەۋەبىدىن خەققە ھاجىتى چۈشۈش ، مەلۇم مەقسەتكە يېتىش يۈزىسىدىن بىللە تاماق يەيدۇ ، ھاراق ئېچىدۇ .

غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يەر يۈزىدە ، ئۇلار كونا ئىمارەتلەرنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدۇ . جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يەر ئاستىدا بىرەر ئەسىر بولغان ئىمارەتلەرنى خالىغانچە چېقىۋېتىشكە بولىدۇ .

غەربلىكلەر ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ قاچىلىغاندىن كىيىن ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويىدۇ . جۇڭگۇلۇقلار ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ ئولتۇرماستىن خالىغانچە تاشلاۋېرىدۇ .

غەربلىكلەر جەم بولغاندا ئاددىي غىزالىنىدۇ ( AA قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىپ ، ھەركىم ئۆزىگە چۇشلۇق خىراجەتنى ئۆزى چىقىرىدۇ ) ، جۇڭگۇلۇقلار  چوڭ تەخسىلىك قورىمىلارنى بۇيرۇتۇپ بەس تالىشىدۇ ، سورۇننىڭ چىقىمىنى ئومومنىڭ پۇلىدىن ئاتچوت قىلىدۇ .

 جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى   

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ


ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن ياكى باشقا ماتىرياللاردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !

tel: 13379759690(warislar) QQ:508930285(ئۇيغۇر ۋارىس)
   备案号码:   新ICP备11002189号