ئەگەر دۇنيادىكى ھەممە ئەركىشىدىن سوراپ باقسىڭىز (ئەگەر ئۇلار ھەقىقى ئىسمىنى ئاشكارلىمىغاندا )، ئۇلار سىزگە راسچىللىق بىلەن (ئەگەر سىز ئايال بولمىغىنىڭىزدا ): شۇنداق ، ئەرلەرگە ئاشنا كىرەك دەپ جاۋاب بىرىدۇ .
بىرنەچچە ئويۇنچى دوستۇم بارئىدى ، مەن ئۇلاردىن زادى ئاشنا دىگەننىڭ نىمىسى ياخشى ؟ دەپ سورىدىم .مەن ئۇلارنىڭ جاۋابىدىن ئاشنىنىڭ ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغان تەرەپلىرى بارلىقىنى بايقىدىم .
1 . ئاشنا كىشىنى بىزار قىلمايدىكەن . ئەرلەر بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئۆيىگە كىلىپ خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى يەنە بىزار قىلىشىدىن قورقىدۇ . ئاشنىلار ئىچىدىمۇ ئەرلەرنى بىزار قىلىدىغانلىرى يوق ئەمەس ، بىراق دوستۇمنىڭ ئىيتىشىچە ئۇنداقلار ئاشنا ئەمەس ، كىچىك خوتۇن دىيىلىدىكەن .شۇنىڭغا ھەيرانمەن ، ئاياللار ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن مەخسۇس ئەرلىرىدىن ئۇنى – بۇنى سوراشقا ئامراق كىلىدىكەن ، ھەمدە ئەرلەر جىمىپ قالسىلا : ھە ، دەڭا ، قانداق ئەسكى ئىش قىلدىڭىز ؟ دەيدىكەن .
2 – ئاشنىلار ئەرلەرنى باشتىن ئاخىر مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندەك ھېس قىلدۇرىدىكەن . مەسىلەن ، ئاشنىلار خوتۇنلارغا ئوخشاش ياشارتىش مەلھىمى چاپلاپ ، ئالى مەكتەپتىكى تەنھەركەت كىيىمىنى كىيىپ ، تەرخەمەك ،ئېرىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور فىلىملىرىنى كۆرمەيدىكەن . ئۇلار ئەر قايتىپ كىلىشتىن بۇرن ، يۈزىگە چاپىدىغان ياشارتىش مەلھىمى تەرخەمەك ۋە ھەرخىل مىۋىلەرنىڭ سۈيىنى يۈزىگە سۈرتۈپ بولۇپ ، ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان نىپىز ئىچ كىيىمىنى كىيىپ ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان dvd پلاستىنكىسىنى ئىلىپ كىلىپ ، ئەر بىلەن بىللە كۆرىمىز دەپ ساقلاپ ئولتۇرىدىكەن .
3 – ئاشنىسىنىڭ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئەر بولىدىكەن ( بەلكىم يالغاندىن شۇنداق قىلىدىغاندۇ ، بىراق مۇنداق قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ) ، ھەمدە ئەرنىڭ گىپىگە بوي سۇنىدىكەن ، ئەر ئەگەر قارىغاندا ئەتە يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ دىسە ، گەرچە تېلېۋىزوردا ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ دەپ مەلۇمات بىرىلگەن بولسىمۇ ، ئاشنا : ھەئە ، ئازراق يامغۇر ياغسا سالقىن بولىدۇ دەيدىكەن . شۇنىڭغا ھەيرانمەن ، خوتۇنىڭنىڭمۇ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئەر بولىدىكەن . بىراق ئېرىگە تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان ئۇسۇل قوللىنىدىكەن . مەسىلەن ئېرىنىڭ ھىسسىياتى قوزغىلىپ شىرىن سۆزلەرنى قىلسا ، ئۇ : چاتاق بولدى ، ئغلىمىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە قول قويدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورايدىكەن .
4 – گەرچە بۇ كىچىك ئىش بولسىمۇ ، ئەمما بەك موھىم . ئاشنا : ‹‹ ئەمدى قاچا يۇيۇغ نۆۋىتى سىزگە كەلدى ›› دىمەيدىكەن ، ‹‹ ئەتە ئىشقا ماڭغاچ توك پۇلىنى تۆلىۋىتىڭ ››ن مۇ دىمەيدىكەن . ‹‹ سىسىق پايپىقىڭىزنى يەنە سافاغا تاشلاپسىزغۇ ›› دىگەن گەپنى تىخىمۇ دىمەيدىكەن . ئاشنا ھىچنىمە دىمەيدىكەن پەقەت ‹‹ قۇرسىقىڭىز ئاچتىمۇ ›› دەپ سورايدىكەن . شۇنىڭغا ھەيرانمەن خوتۇن دائىم مەن ئۆيدە ئات- ئېشەكتەك ئىشلەيمەن دېدەكچىلىكمۇ .ېتىبارىم يوق دەپ زارلىنىدىككەن ئېرىدىن ئۆي ئىشلىرىنى بۇيرىمىسىمۇ قىلسا ، ھاردىم - تالدىم دىمىسە ، دىگەنلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن ياكى شۇلارنى ئۈمىت قىلىدىكەن . ۋاي بەك جاپا تارتتىم دەپ ۋايسىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىكەن .
5 – ئاشنا ئەر بەرگەن پۇلنى ئالغاندا ، ئەرنى تاتلىققىنە سۆيۈپ قويۇپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن خوتۇنى بولسا : 500 سوم كەمغۇ ؟ يەنە تىقىۋاپسىز – دە ! دەيدىكەن . شۇنىڭغا تېخىمۇ ھەيرانمەن ، خوتۇن خەق ئەرلەرنىڭ ھەميىنىغا ئاجايىپ سەزگۈر كىلىدىكەن . بۇ كىشىنى ئاياللارغا زادى ئاۋال ئەر ئاندىن پۇل كىرەكمۇ ياكى ئاۋال پۇل ئاندىن ئېرى كىرەكمۇ گۇمانغا سىلىپ قويىدۇ . مەن يۇقۇرقى ئاددىي بەش مىسال بۇنىڭغا يىتىپ ئاشىدۇ دەپ قارايمان .
تەرمىلەردىن .
|
مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى:
قېتىم








