warislar tori / Sports / world News / it News / china News / Local News Business / Moble / USA /

ئالى مەكتەپتە ئوقۇش

 

داۋى باررى (ئامرىكا)
 
ئاتالمىش ئالى مەكتەپ 2 مىڭ سائەت ئولتۇرۇپ ، ئاندا – ساندا بىر نىمىلەرنى ئۈگىنىۋالىدىغان ئۆي ، خالاس .
بۇ 2 مىڭ سائەت تۆت يىلغا تەقسىملىنىدۇ . قالغان ۋاقىتتا ئۇخلايسىز ، سۆيگىنىڭىز بىلەن كۆرىشىسىز . ئىشقىلىپ سىز ئالى مەكتەپتە ئىككى خل ئىشنى ئۈگۈنىۋالالايسىز: ئالدى بىلەن ئۈگىنىدىغىنىڭىزبۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشقا ئىھتىياجلىق بىلىملەر ( ئىككى سائەت ) ،يەنى قارشى تەرەپ ھەق تۆلەيدىغان تىلفۇننى قانداق ئۇرۇش ، پىۋىنى قانداق ئىچىش قاتارلىقلار .
يەنە بىر خىلى بۇنىڭدىن كىيىن مەڭگۈ ئىشلىتەلمەيدىغان نەرسىلەر ( 1مىڭ 998 سائەت ) سىز سىنىپتا پالانى – پوكۇنى ئىلىم ، پالانى پوكۇنى نەزەرىيە قاتارلىق ئايىغى چىقمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگىنىسىز . سىز كاللىڭىزغا قوندۇرغان نەرسىلەر پۈتۈنلەي سىز ئىمتاھان بىرىپ بولغاندىن كىيىن پاك –پاكىزە ئۇنتۇپ كىتىدىغان نەرسىلەر ، ئەگەر ئۇلار ئىچىدىكى مەلۇم قىسقملىرىنى ئىسىڭىزدە ساقلىيالىسىڭىز ، ئالى مەكتەپتە پرۇفېسسۇر بولسىڭىز بولىدۇ .
ئەلۋەتتە ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشمۇ قىيىنغا توختايدۇ . ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە جۇن دوۋنغا ئوخشاش مىتافىزىك شائېرلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم .ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتەي دىسممۇ ۋاۋگان ، كوراشوۋ قاتارلىق شائېرلار كاللامغا كىرىۋالدى .بەزىدە ئۇلاردىنمۇ موھىم ئىشلار ، يەنى خوتۇنۇم ، توننىس بىلىقىنى مايدا ساقلاش كىرەكمۇ ياكى سۇدا ساقلاش كىرەكمۇ دەپ سورىغاندا ، ئاشۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى كاللامغا كىلىۋالاتتى .ئالى مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇغاندىن كىيىن كەسىپ تاللايسىز ، يەنى ئەستە قالدۇرغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇش يولىغا قاراپ ماڭىسىز . بۇ يەردە سىزگە مۇنداق بىر موھىم يەكلىپ بەرمەكچى : سىز چوقۇم رىئاللىقا چىتىلمايدىغان ، ئىنىق جاۋابى يوق كەسىپلەرنى تاللاڭ ! ماتىماتكا ، فىزىكا ، بىئولوگىيە ، خىمىيە كەسىپلىرىنى تاللىماڭ چۈنكى بۇ كەسىپلەر توغرا پاكىتقا چىتىلىدۇ . سىزنى ماتىماتكا كەسپىنى تاللىدى دەپ پەرەز قىلايلى : بىر كۈنى سىنىپقا كىرمىدىڭىز پىروفىسسور سىزدىن سۇئال سورىسا پىرۇفىسسورنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپ بىرەلمىسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ .خىمىيە كەسپىنى تاللىسىڭىزمۇ ئوخشاش . ئەگەر ئىمتاھان قەغىزىڭىزگە كاربون + ئوكسىگىن = كاۋچۇك دەرىخى دەپ يىزىپ قويسىڭىز نۆل ئالىسىز ئۇ سىزدىن خىمىكلار ئىتراپ قىلغان جاۋاپ بىلەن ئوخشاش جاۋاپ بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ . مۇشۇنداق جاۋاپنى كۆرسە ئالىملارنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ كىتىدۇ .شۇڭا سىز تىلشۇناسلىق ، پەلسەپە ، پىسخىلوگىيە ياكى جەمىيەت شۇناسلىق كەسىپلىرىنى تاللاڭ ، چۈنكى بۇ كەسىپلەردە باشقىلارنىڭ نىمە توغرىلىق مۇنازىرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ھەقىقى چۈشەنمەيسىز، ئۇلار ھەم ئىنىق پاكىتلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز.
ئىلگىرى مەن بۇ پەنلەرنىڭ بەزىلىرىگە قاتنىشىپ باققانتىم . تۆۋەندە سىلەرگە بۇ توغرىلىق قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي :
ئەدەبىيات دەرسىدە : ‹‹ بۈيۈك ئەسەرلەرۈ ›› توغرىسىدا ماقالە يىزىشقا توغرا كەلگەندە دەرىستىن ئىلگىرى كىتاپتىكى بىرنەچچە كۆز يۈگۈرتۈپ قويسىڭىز كۇپايە . مەن سىزگە يازغان ئىلمى ماقالىڭىزدە يۇقۇرى نومۇر ئىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قوياي : ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلىدىغان ئادەتتىكى بىلىملەر توغرىلىق مۇھاكىمە ئىلىپ بارماڭ ! مەسىلەن ، سىزنى موبىتىكنى تەھلىل قىلدى دەپ پەرەز قىلايلى ، ئازراقلا ئادەتتىكى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن كىشى ئۇنىڭ بىر چوڭ كىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ، چۈنكى ئەسەردىكى پىرسۇناج ئۇنى كۆپ قىتىم تىلغا ئالىدۇ . شۇڭا سىز ئىلمى ماقالىڭىزدە ، موبىتىك ئەمىليەتتە ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ، دىيىشىڭىز كىرەك . شۇ چاغدا ئىلمى ماقالىنى كۆرۈشتىن بىزار بولغان ھەم موبىتىكنى ياخشى كۆرمەيدىغان پرافىسسورىڭىز سىزنى ھەسسىلەپ ماختاپ كىتىدۇ . ئەگەر سىز ئاددى ئىشلارنى باشقىچىرەك يول بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولسىڭىز ئەدەبىيات كەسپىنى تاللاڭ .
پەلسەپە كەسپىنى تاللاش : ئادەتتە سىز ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ مۇشىنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ‹‹ رىئال ›› نەرسە مەۋجۈتمۇ – يوق ، دىگەنگە ھۆكۈم چىقىرىپ ئاندىن چۈشلۈك تاماق يەيسىز ، ئەگەر سىز دائىم يەيدىغان دورىڭىزنى يىگۈڭىز بولسا ، پەلسەپە كەسپىنى تاللاڭ .
پىسخىلوگىيە كەسپى : بۇ چاشقان ، چۈش قاتارلىق بارلىق تىمىغا چىتىلىدۇ . بىر يىلى مەن چاشقانغا مەلۇم تەرتىپتە كونۇپكا بىسىشنى توپ – توغرا بىر مەۋسۈم ئۈگەتتىم ، ئاندىن بۇ ئىشنى خىزمەتدىشىمغا ئىشلەتكۈزۈشكە باشلىدىم . چاشقان ناھايىتى تىزلا ئۈگىنىۋالدى ، بىراق مىنىڭ ئاشۇ كالۋا دوكتۇر خىزمەتدىشىم بۇنى ئۈگىنەلمىدى . ئەگەر سىز چاشقاننى ، چۈشنى ياخشى كۆرسىڭىز ياكى دائىم چۈشىڭىزدە چاشقاننى كۆرسىڭىز پىسخىلوگىيە كەسپىنى تاللاڭ .
جەمىيەت شۇناسلىق كەسپى : جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ چۈشەنگىلى بولماسلىق خۇسۇسىيىتىنى ئازراق چۈشەنسىڭىز ، بۇ ئالدى بىلەن تاللايدىغان دەرىس ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز . مەن ئىلگىرى نەچچە يۈز سائەتلىك جەمىيەتشۇناسلىق دەرسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلىغان ، ئۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەرنى ئوقىغان ئىدىم ، بىراق بىر – بىرىگە چىتىشلىق بايانلارنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىدىم ھەم كۆرۈپ باكمىدىم .بۇ بەلكىم جەمىيەت شۇناسلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم بولىشىنى ئويلىغانلىقىدىن بولسا كىرەك . شۇڭا ئۇلار كۆپ ۋاختىنى ئاددى ، ئىنىق پاكىتلارنى ئىلمى پۇرىقى بار بايان قىلىشدا سەرىپ قىلىدۇ ؛ ئەگەر بۇ پەننى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز سىزمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .مەسىلەن ، سىز كىچىك بالىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئاۋازىنىڭ بارىچە يىغلىغانلىقىنى كۆرسىڭىز مۇنداق يىزىڭ : ‹‹ جەمىيەتنى ئۆلچەش مىتودولوگىيىسى ئارقىلىق قورامىغا يەتمىگەن بۇ شەخىسنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىشتىن مەلۇم بولىشىچەيەر يۈزى يۆلىنىشى ۋە ياش ئاققۇزۇش رولى مەقسەتسىز بىر يەرگە كىلىپ قالغاچقا بۇ ئىشنى يەنى ، يىغلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ›› .
ئەگەر سىز مۇشۇ تەرىزدە ئەللىك ، ئاتمىش بەتلىك بىر نىمە يازالىسىڭىز ، سىياسى ساھەدىكى موھىم شەخىس بولالايسىز .
 
كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ .

مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياخشىكەن
(23)
76.7%
ناچاركەن
(7)
23.3%
------分隔线----------------------------
تەۋسىيەلەر